ھاۋادىن تاشلانغان ياردەملەر پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى

غەززەگە ھاۋادىن تاشلانغان ياردەم ساندۇقلىرى پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، بەش كىشىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

2113129
ھاۋادىن تاشلانغان ياردەملەر پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەگە ياردەم ئېلىپ بارغان ئايروپىلانلار تەرىپىدىن تاشلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ساندۇقلىرىنىڭ پاراشوتلىرى ئېچىلماي، رايوندا ياردەم كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈشى نەتىجىسىدە بەش ئادەم قازا قىلدى.

دوختۇرخانا مەنبەلىرى، ھاۋادىن قويۇپ بېرىلگەن پاراشۇتلار ئېچىلماي، ياردەم ساندۇقلىرىنىڭ ياردەم ساقلاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، يەنە بەزىلىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خەلق مۇداپىئە ئەترىتى باياناتچىسى مەھمۇد باسال ئۆزىنىڭ تېلېگرامما ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئايروپىلاندىن تاشلانغان بىر قىسىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ساندۇقلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ۋە يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۆيلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، 5 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر