شىۋېتسىيە ناتوغا رەسمىي قوبۇل قىلىندى

شىۋېتسىيە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئەزا بولۇش مۇراسىمى بىلەن، ناتونىڭ رەسمىي 32-ئەزاسى بولدى.

2112729
شىۋېتسىيە ناتوغا رەسمىي قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا رەسمىي ئەزا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، «شىۋېتسىيە ناتونىڭ 32-ئەزاسى بولدى ۋە ئارىمىزدا ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا ئىگە بولدى. دۈشەنبە (11-مارت) ناتو مەركىزىدە بايرىقىنى چىقىرىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمەن. شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ناتونى تېخىمۇ كۈچلۈك، شىۋېتسىيەنى ۋە ئىتتىپاقنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ» دېدى.

ناتونىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ناتو مەركىزىدە 11-مارت شىۋېتسىيەنىڭ ئەزالىقى ئۈچۈن رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ ۋە شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرسوننىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ بايرىقى چىقىرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ 23-يانۋار (2024)، ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ 26-فېۋرال تەستىقلىشى نەتىجىسىدە، بارلىق ناتو دۆلەت پارلامېنتلىرىدىكى تەستىق مۇساپىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، شىۋېتسىيەنىڭ ئەزالىقى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر