بايدىندىن ئېتىراپ: 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كونگرەدە نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئېتىراپ قىلىش ماھىيتىدە، «غەززەدە 30 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھاماس ئەزاسى ئەمەستى. مىڭلارچە بىگۇنا ئايال ۋە كىچىك بالىلار ئۆلتۈرۈلدى» دېدى.

2112768
بايدىندىن ئېتىراپ: 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كونگرەدە «ئىتتىپاقنىڭ ئەھۋالى» تېمىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ھاماسنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىكى ھۇجۇمىدا، ئىسىرائىلىيە ئەڭ قانلىق بىر كۈننى باشتىن كەچۈردى. ئىسىرائىلىيەنىڭ ھاماسنى ئاخىرىغىچە قوغلاپ يوقىتىش ھوقۇقى بار. ئىسىرائىلىيە بۇنىڭغا جاۋابەن ھۇجۇم قىلغان ۋاقتىدا، پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىق مەسئۇلىيىتىمۇ بار. بۇ ئۇرۇش غەززەدە بالدۇرقى بارلىق ئۇرۇشلارنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 30 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھاماس ئەزاسى ئەمەس. مىڭلارچە ئايال ۋە كىچىك بالىلار ئۆلتۈرۈلدى، كىچىك قىز-ئوغۇللار يېتىم قالدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر