ئامېرىكا پاراخوتىدا ئىككى خادىمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلار ئەدەن بوغۇزىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن زەربە بېرىلگەن ئامېرىكا پاراخوتىغا ئوت كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2112279
ئامېرىكا پاراخوتىدا ئىككى خادىمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى ئېكس (X) ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئامېرىكانىڭ ئەدەن بوغۇزىدىكى <TRUE CONFIDENCE> پاراخوتىغا نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئېتىلدى، پاراخوتقا ئوت كەتتى» دېدى.

ئۇ مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ پاراخوت خادىملىرى «ئاگاھلاندۇرۇش» لارنى رەت قىلغاندىن كېيىن، قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ خۇسىيلارنىڭ «مەزلۇم پەلەستىن خەلقىنى قوللاش ۋە ياردەم قىلىشتا، دىنىي، ئەخلاقىي شۇنداقلا ئىنسانىي بۇرچلىرىنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلىقلىرى» نى تەكىتلەپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان قورشاۋىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتقىچە قىزىل دېڭىز بىلەن ئوممان دېڭىزىدىكى ھۇجمۇلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ سانائا ئەلچىخانىسى ئېكس (X) بېتىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئىككى پاراخوت خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، نام-شەرىپى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ توغرىدا ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر