پۇتىن گروسسى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى باشلىقى رافائىل مارىيانو گروسسى بىلەن كۆرۈشتى.

2112178
پۇتىن گروسسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن گروسسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سوچىدىكى سۆھبىتىنىڭ ئاخباراتقا ئوچۇق قىسمىدا سۆز قىلىپ، دۆلىتىنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن نۇرغۇن ساھەدە قويۇق ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گروسسى بولسا، كۈنتەرتىپىدە «سەزگۈر» مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش نۇقتىسىدىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر