گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىدا پەلەستىننى قوللاپ، ئولتۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

لاھەي شەھىرىدىكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىرىش قىسمىدا پەلەستىننى قوللاپ ئولتۇرۇش نامايىشى تەشكىللىگەن بىر گۇرۇپپا نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ، پالاتادىن سىرتقا چىقىرىلدى.

2111825
گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىدا پەلەستىننى قوللاپ، ئولتۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
sili filistin destek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار «گوللاندىيە نومۇس قىل! قوللىرىڭ قانلىق!»، «دەريادىن دېڭىزغىچە، پەلەستىن ئازاد بولىدۇ!»، «ئەمدى ئۇرۇشنى توختات!» ۋە «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلىدى.

پارلامېنت ئەزالىرى ئۆتكۈزگەن يىغىن جەريانىدا، زىيارەتچىلەر مۇنبىرىدە ئولتۇرغان بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلار يىغىن زالىغا پەلەستىن بايرىقىنى ئاستى.

چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودىمۇ ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

پەلەستىننى قوللايدىغان بىر گۇررۇپپا نامايىشچى چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودىكى ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئەجەللىك ۋە ۋەيران قىلغۇچ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

نامايىشچىلار غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى ۋە پاجىئەنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېرەكلىكىنى ھەمدە چىلى ھۆكۈمىتىدىن ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 31 مىڭغا، يارىلانغانلارنىڭ سانى 73 مىڭغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر