ئىسرائىلىيەدە ئامېرىكالىق بىر دىپلوماتنىڭ ئۆيىدىن جەسىتى تېپىلدى

ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتنىڭ جەسىتى ئۆيىدىن تېپىلدى.

2111118
ئىسرائىلىيەدە ئامېرىكالىق بىر دىپلوماتنىڭ ئۆيىدىن جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىر دىپلوماتنىڭ قۇددۇستا قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمەسلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئامېرىكالىق دىپلوماتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى، دىپلوماتنىڭ ئۆلۈمىدە گۇمانلىق ئەھۋاللارنىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىدا بولسا، مەزكۇر دىپلوماتنىڭ قۇددۇستىكى تۇرالغۇسىدا ئۆلۈك ھالدا بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر