ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدە ياردەم كۈتۈپ تۇرغان پەلەستىنلىكلەرنى ئوققا تۇتتى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا ياردەم كۈتۈپ تۇرغان پەلەستىنلىكلەرنى ئوققا تۇتتى.

2111270
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدە ياردەم كۈتۈپ تۇرغان پەلەستىنلىكلەرنى ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى سالاھىددىن كوچىسىنىڭ كۇۋەيت دوقمۇشىدا ئۇن ۋە يېمەكلىك ياردىمى ئېلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان پەلەستىنلىك پۇقرالارنى ھەقىقىي ئوق بىلەن ئوققا تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئوققا تۇتۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئاچارچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قورشاۋنى داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكى، بۇ ھۇجۇمنىڭ غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا غەززە رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۈتۈنلەي جاۋابكار ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، بولۇپمۇ غەززە رايونىنىڭ شىمالى قاتارلىق بارلىق ۋىلايەتلەرگە 1000 يۈك  ئاپتوموبىلى ياردەمنىڭ يېتىپ بېرىشىغا يول ئىچىش چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى يارىلانغانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا قىلىۋاتقان ۋەھشىلەرچە ھۇجۇمىدا يېرىمىغا يىقىنى كىچىك بالىلار بولۇپ، جەمئىي 30 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قىرغىن قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر