ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئىستېپا بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى دانىيال خاگارىنىڭ گۇرۇپپىسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن كەڭ كۆلەملىك ئىستېپا بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

2110654
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئىستېپا بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ «14-قانال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە، «باياناتچى خاگارىنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى ئىككىنچى كۈچلۈك شەخس موران كاتز بىلەن ئۇچۇر سىستېمىسىدىكى نۇرغۇن مەسئۇللار غەززەدىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن بىرلىكتە ئىستېپا بەردى» دېيىلدى.

خەۋەردە، ئىستېپا بەرگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تاشقى ئاخبارات باياناتچىسى رىچارد ھېچنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېقىنقى ئايلاردا ئېلان قىلغان ئىسرائىلىيە دوكلاتىدا، غەززە رايونىدىكى ئۇرۇشنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى پىلان سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىلەرچە ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 13 مىڭ 230 كىچىك بالا ۋە 8 مىڭ 860 ئايالنى قوشقاندا 30 مىڭ 410 پەلەستىنلىك قىرغىن قىلىنغان، 71 مىڭ 700 پەلەستىنلىك يارىلانغان ئىدى.

خارابىلىك ئاستىدا ھازىرمۇ مىڭلىغان پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى خەلق پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر