ئىراندا ئىسرائىلىيە جاسۇسىغا  ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

ئىراندا ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورگىنى موساد ئۈچۈن ئىشلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2110423
ئىراندا ئىسرائىلىيە جاسۇسىغا  ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2023 - يىلى 28-يانۋاردا ئىسفاھاندىكى بىر مۇداپىئە سانائىتى زاۋۇتىغا ھۇجۇم پىلانى تەييارلاۋاتقاندا قولغا چۈشكەن بىر كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورگىنى موساد ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان كىشىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئوخشاش ئەيىبلەش بىلەن (جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن) 18 - سېنتەبىر (2023) دە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۆت كىشىنىڭ جازاسى 29-يانۋار (2024) دا ئىجرا قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر