ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە بېسىم كۈچەيمەكتە

ئەسىرلەرنىڭ ئائىلىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى غەربىي قۇددۇستا نامايىش ئۆتكۈزدى.

2110115
ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە بېسىم كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ۋە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان نامايىشچىلار، ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى كېلىشىم تۈزۈلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشچىلار «نىتانىياھۇ مەغلۇب بولدى» دېدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ساھەدە ئىشلارنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەسىرلەرنىڭ ئائىلىلىرى مىسىردىكى مۇزاكىرە جەريانىنى قايتا باشلاشقا چاقىرىق قىلدى.

نامايىشچىلار ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلماقتا. لېكىن نىتانىياھۇ ھۆكۈمىتى ھەتتا ئەسىرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنىمۇ رەت قىلىپ كەلمەكتە.

نىتانىياھۇغا قارشى تۇرغۇچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

مىڭلىغان نامايىشچىلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، نىتانىياھۇ ھۆكۈمىتىنى ئىستىپا بېرىشكە چاقىردى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى نامايىشقا قاتتىق ئارىلىشىپ 7 نامايىشچىنى قولغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر