بايدىن: غەززەگە ھاۋادىن ياردەم ئەشيالىرى تاشلاشنى باشلايمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە غەززەگە ھاۋادىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تاشلاشنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ۋە رايونغا تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2109946
بايدىن: غەززەگە ھاۋادىن ياردەم ئەشيالىرى تاشلاشنى باشلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقسارايدا ئىتالىيە باش مىنىستىرى گېئورگىيا مېلونىنى كۈتۈۋالغان بايدىن، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا بايانات بەردى.

بايدىن ياردەم ساقلاۋاتقان ئەسنادا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن غەززەلىك پۇقرالار ھەققىدە توختىلىپ: «غەززەنىڭ شىمالىدا (پەلەستىنلىكلەر) ياردەم كۈتۈۋاتقاندا يۈز بەرگەن ۋەقە ئېچىنىشلىق ۋە قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق» دېدى.

ياردەم ساقلاۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ «ئۇرۇش ئوتى» ئىچىدە قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان بايدىن: «ئۇلار ياردەم كۈتۈۋاتقاندا دۇچ كەلگەن ئەھۋالنى كۆردۈڭلار. بىز تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك، ئامېرىكا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم قىلىمىز» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىيوردانىيەگە قوشۇلۇپ، ھاۋادىن (غەززەگە) ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تاشلاشنى باشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بايدىن غەززەگە ھاۋادىن ياردەم بېرىش توغرىسىدا قىلغان سۆزى جەريانىدا، غەززەنىڭ ئورنىغا ئىككى قېتىم «ئۇكرائىنا» دېگەن.

بايدىن ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن رايونغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى؛ بۇ دائىرىدە غەززەگە دېڭىز كارىدورى ئېچىپ ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ئالتە ھەپتىلىك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن بايدىن، بۇ مەزگىلدە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە غەززەگە يېتەرلىك دەرىجىدە ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىلشىىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر