«F-16» سېتىپ بېرىشنى توسۇش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشنى توسۇش» مەزمۇن قىلىنغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلدى.

2109494
«F-16» سېتىپ بېرىشنى توسۇش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنتاكىي (Kentucky) ئىشتاتىدىن سايلانغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى راند پاۋۇل (Rand Paul) 5-فېۋرال (2024) دا سۇنغان لايىھەنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز تاشلاش، پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلدى.

تۈركىيەگە «F-16» سېتىپ بېرىلىشىنى توسۇش قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، 13 كە قارشى 79 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، پاۋۇلنىڭ ئۆز ئالدىغا سۇنغان ۋە ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە «F-16» سېتىپ بېرىشىنى توسۇش، كېڭەش پالاتاسىدا يۇقىرى نىسبەت بىلەن رەت قىلىنغان بولدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 26-يانۋار (2024) تۈركىيەگە 40 دانە «F-16» سېتىپ بېرىش، تۈركىيەنىڭ قولىدىكى «F-16» لارنى يېڭىلاش توغرىسىدا كونگرەگە مەلۇمات سۇنغان ئىدى. 15 كۈنلۈك تەكشۈرۈش ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش باسقۇچىدا پەقەت كېنتاكىي كېڭەش پالاتا ئەزاسى راند پاۋۇلنىڭ نارازىلىقىلا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى. ئۇ سۇنغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى كېڭەش پالاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق چارە كۆرۈلمىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ باسقۇچلاردىن كېيىن، تۈركىيەگە «F-16» سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك تەستىق ۋە تەكلىپ مەكتۇپلىرىنى پايتەخت ئەنقەرەگە يەتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر