بايدىن ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا قىلغان گېپىدىن يېنىۋالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىلگىرىكى باياناتىنىڭ ئەكسىچە، غەززەدە دۈشەنبە (4-مارت) كۈنىگىچە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ يەنىلا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2109528
بايدىن ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا قىلغان گېپىدىن يېنىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن تېكساسقا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاقساراينىڭ باغچىسىدا مۇخبىرنىڭ غەززە توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

بايدىن «مەن مۇشۇ دۈشەنبە كۈنىگىچە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئۈمىدۋارمەن» دېگەن سۆزىنى خاتىرىلەتكەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:

«ئۈمىد تۈگىمەيدۇ، مەن رايون رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتىم، بەلكىم بۇ دۈشەنبە ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، مەن يەنىلا ئۈمىدۋارمەن .»

بايدىن مۇشۇ ھەپتە بېشىدا نىيۇ يوركتىكى زىيارىتى جەريانىدا، مۇخبىرلارنىڭ «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قاچان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا: «مەن بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىمىز ئۇرۇش توختىتىشقا ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتى. ئەمما، بىز تېخى تاماملىيالمىدۇق. كېلەر دۈشەنبە كۈنىگىچە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر