ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2108966
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر — ئاگېنتلىقى NNA، ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى سىددىقىن ۋە كەفرا رايونىغا ئۈچ قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، 14 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ ھۇجۇم توغرىسىدا ھازىرغىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.

تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن كىريات شموناغا بەلگىلىك ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر