ئامېرىكالىق پائالىيەتچىلەر نيۇيوركتا ئىسرائىلىيەگە قارشى 24 سائەتلىك توختاۋسىز نامايىش باشلىدى
ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە پەلەستىننى قوللىغۇچى ئامېرىكالىق پائالىيەتچىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پۇقرالارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى ۋە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، 24 سائەتلىك توختاۋسىز نامايىش باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇيورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ باغچىسىغا جەم بولغان ئامېرىكالىق پائالىيەتچىلەر، غەززەدە دەرھال ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىلمىغۇچە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ قوللىغان 24 سائەتلىك توختاۋسىز نامايىشتا، نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر ئامېرىكانى ئىسرائىلىيەنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلدى.
ئامېرىكالىق پائالىيەتچىلەر نيۇيورك شەھەر باشلىقى ئېرىك ئادامسقا ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭەش ئەزالىرىغا ئاۋالىرىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتى.
نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم يەھۇدىي ئامېرىكىلىقلارمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۆلەۋاتقان باجلىرى بىلەن بۇنى قوللاشنى خالىمايدىغانلىقىلىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا بايان قىلدى.
پائالىيەتچىلەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىغا غەززەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئونمىڭلىغان پۇقرالارنىڭ ئىسمى يېزىلغان چوڭ پىلاكاتنى ئاچتى.
«پەلەستىنگە ئەركىن!»، «دەرھال ۋە ھازىرلا ئۇرۇش توختىتىڭلار!»، «باجلىرىمىزنى ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتمەڭلار!» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىماڭلار!» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىلىرىدا كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، 30 مىڭدىن ئارتوق پەلەستىنلىك شېھىت بولدى.