زېلېنسكىي رىيادتا مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن كۆرۈشتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن كۆرۈشتى.

2108452
زېلېنسكىي رىيادتا مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان س پ ئا (SPA) ئاگېنتلىقى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن شاھزادە مۇھەممەد بىن سالماننىڭ كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىينى پايتەخت رىيادتىكى خەلقئارا پادىشاھ خالىد ئايرودۇرۇمىدا، رىياد ئەمىرىنىڭ ۋەكىلى شاھزادە مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن ئابدۇلئەزىز كۈتۈۋالغان.

زېلېنسكىي-بىن سەلمان كۆرۈشۈشىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكى، ئۇكرائىنا-رۇسىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ۋە دىيالوگ ئىمكانىيەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

زېلېنسكىي ماي (2023) ئېيىدىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، رىياد ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىسنى ھەل قىلىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىلىرىدە مۇھىم رول ئويىغان ئىدى.

رۇسىيەدە پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۆلەت دۇماسىنىڭ باشلىقى ۋياچېسلاۋ ۋولودىنمۇ 26-فېۋرال (2024) رىيادتا مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر