ئافېنادا تاكسى شوپۇرلىرى 48 سائەتلىك ئىش تاشلاش نامايىشى باشلىدى

گىرېتسىيە پايتەختى ئافېنادا تاكسى شوپۇرلىرى تۈنۈگۈن (27- فېۋرال) دىن باشلاپ 48 سائەتلىك ئىش تاشلاش نامايىشىنى باشلىدى.

2108337
ئافېنادا تاكسى شوپۇرلىرى 48 سائەتلىك ئىش تاشلاش نامايىشى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافېنا تاكسى شوپۇرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باياناتىدا، پايتەخت ئافېنادا 48 سائەتلىك ئىش تاشلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئاپتوبۇسلارغا ئايرىلغان يولنىڭ ئوڭ قانىتىنىڭ يولۇچى بولغان ئەھۋالدا تاكسىلارنىڭمۇ مېڭىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى، قانۇنسىز تاكسىغا ئوخشاش ئەپلەرنى چەكلەشنى، ئايرودۇرۇمدىن يولۇچى توشۇش ھەققىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى ۋە باج يۈكىنىڭ يىنىكلىتىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پايتەخت ئافېناغا بىر يەرگە جەم بولغان تاكسى شوپۇرلىرى، ئاپتوموبىللىرى بىلەن قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر