ۋېنگىرىيە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا قېتىلىش ھۆججىتىنى تەستىقلىدى

ۋېنگىرىيە پارلامېنتى شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا كىرىشىنى تەستىقلىدى.

2107758
ۋېنگىرىيە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا قېتىلىش ھۆججىتىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە پارلامېنتى تۈنۈگۈن يىغىن چاقىرىپ، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى؛ پارلامېنتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، ھەل قىلغۇچ بېلەت تاشلاشتا 188 ۋەكىل قوللاپ، 6 ۋەكىل رەت قىلىپ بېلەت تاشلىغان، 4 ۋەكىل ئاۋاز قاتناشتۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن.

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋېنگىرىيەنىڭ بۇ قارارى بىلەن بىرلىكتە، ناتوغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەستىقىنى ئالغان بولدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى «قارشى ئالىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

ستولتېنبېرگ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «شىۋېتسىيەنىڭ ئەزالىقى ھەممىمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ» دېدى.

ستولتېنبېرگ ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتونىڭ 32-ئىتتىپاقدىشى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر