بايدىن: غەززەدە دۈشەنبە كۈنىگىچە ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۈشەنبە كۈنىگىچە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

2107855
بايدىن: غەززەدە دۈشەنبە كۈنىگىچە ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن نيۇيورك زىيارىتى جەريانىدا، مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بايدىن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قاچان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مەن بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە (ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن. دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىم بۇنى ھاسىل قىلىشقا ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتى، ئەمما تېخى تاماملىمىدۇق. دۈشەنبە كۈنىگىچە (غەززەدە) ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، جەمئىي 30 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر