زېلېنسكىي دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى مەسىلىسىدە ئەردوغانغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي مىكولايىۋ رايونىدا دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى مەسىلىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2107353
زېلېنسكىي دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى مەسىلىسىدە ئەردوغانغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇكرائىنا 2024-يىلى» ناملىق مۇنبەر يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

زېلېنسكىي مېكولايىۋ رايونىدىكى پورتلاردىن ئاشلىق توشۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «مەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مىكولايىۋ رايونىدا دېڭىز يولىنى ئېچىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس بىلەن قارا دېڭىزدا دېڭىز سەپەرلىرى ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلىمەن. بىز بۇ خىل مۇزاكىرەگە تەييارمىز. بۇ مەسىلىنىڭ (يەرشارى تىنچلىقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ) تۇنجى ئېچىلىش يىغىنىدىلا ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر