بوررېل ياۋروپانى ئۇكرائىنانىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ۋەدە بېرىشكە چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىككىنچى يىلىنى توشقۇزغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا، موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۇزۇنغا سوزۇلغان «جىددىيلىك دەۋرى»گە تەييارلىنىشقا چاقىردى.

2107166
بوررېل ياۋروپانى ئۇكرائىنانىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ۋەدە بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئىدېئال» (Ideal) گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى پۈتۈن سەپلەر بويىچە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىيېۋغا «بىخەتەرلىك ۋەدىسى» بېرىشكە چاقىردى.

ئۇ: «ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولسا ئەڭ ياخشى. ئۇكرائىنانىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى پۈتۈن سەپلەر بويىچە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەرلىك ۋەدىسى بېرىڭلار. ناتوغا ئەزا بولغان باشقا قوشنىلىرىنى سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن قۇتراتقۇلۇق قىلالايدىغان رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان <جىددىيلىك> دەۋرىگە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي تىرىشچانلىقلىرى ئىزچىل بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكانىڭ ياۋروپا خەۋپسىزلىكىگە قاتنىشىشىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزگىرىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ نەزەردە تۇتۇش كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر