ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قانچىلىغان شەھەرلىرىدە نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسرائىلىيەلىكلەر غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىشىنى، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلىپ يەنە كوچىلارغا چىقتى.

2107035
ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قانچىلىغان شەھەرلىرىدە نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
israilliler gosteri1.jpg
israilliler gosteri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىڭلىغان نامايىشچىلار تېل ئاۋىۋدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا يىغىلدى. رايونغا قۇرۇلغان سەھنىدە سابىق سىياسىئونلار ۋە مەھبۇسلارنىڭ تۇغقانلىرى نۇتۇق سۆزلىدى.

نامايىشچىلار باش مىنىستىر نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ ئوڭچىل بىرلەشمە شېرىكلىرى، مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن گۋىرنىڭ رەسىمىنىڭ ئاستىغا «بىخەتەرلىك ئاجىزلىقى» دەپ يېزىلغان چوڭ لوزىنكىلارنى ئاچتى.

نامايىشچىلار تېل ئاۋىۋنىڭ مەركىزى نۇقتىلىرىدىن قاپلان كوچىسىغا قاراپ يۇرۇش قىلماقچى بولغاندا، ئىسرائىلىيە ئاتلىق ساقچى قىسىملىرى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈش ئاپتوموبىللىرى قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى غەززە رايونىدا ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر يېقىنلىرى بولغان نامايىشچىلار گۇرۇپپىسىغا قارشى تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتتى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق سۈركىلىش يۈز بەردى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ باياناتىدا 19 نامايىشچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نامايىشچىلار نىتانىياھۇغا قارىتا، «سەن باشتا تۇرىۋاتىسەن، سەن جىنايەتچىسەن»، «ھەممە ئادەم سېنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ»، «دەرھال سايلام ئۆتكۈزۈلسۇن» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

تېل ئاۋىۋدىن باشقا يەنە، غەربىي قۇددۇس، ھايفا ۋە كايسەرىيەدىمۇ مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى جەريانىدا نامايىشچىلار بىلەن سۈركىلىش يۈز بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر