ئىسپانىيە ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىشنى ئاللىقاچان توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبارېس 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت داۋاملىشىدىغانلا بولسا، ئىسرائىلىيەگە قورال ساتمايمىز» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبارېس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ نيۇيوركتىكى بىناسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ ئۇ ئىسپانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزىدىغان-يۈرگۈزمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە يېڭى قورال سېتىش ئۈچۈن، ئىجازەتنامە بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيەگە ئەمەلىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت داۋاملىشىدىغانلا بولسا، ئىسرائىلىيەگە قورال ساتمايمىز» دېدى.
ئىسپانىيەنىڭ ب د ت نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنىنى 3 مىليون 500 مىڭ ياۋرو مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالبارېس، ھازىر بۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانداق قىلىپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.