52 دۆلەت رۇسىيەنى بېسىۋالغان جايلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئەزا 52 دۆلەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى قىرىم بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 10-خاتىرە يىلىدا ئۇكرائىنا زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە چاقىردى.

2106891
52 دۆلەت رۇسىيەنى بېسىۋالغان جايلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا، ئۇكرائىنا، ئالبانىيە، ئاندوررا، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، بۇلغارىيە، كانادا، كىرودىيە، قىبرىس، چېخ، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گىرۇزىيە، گېرمانىيە، گىرېتسىيە، ۋېنگىرىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، لاتۋىيە، لىچتېنشتېين، لىتۋا، لىيۇكسېمبۇرگ، مالتا، مارشال تاقىم ئاراللىرى، مىكرونېزىيە (فېدېراتىپ شىتاتلار)، موناكو، قاراتاغ، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، نورۋېگىيە، پالاۋ، پاراگۋاي، پولشا، پورتۇگالىيە، كورېيە جۇمھۇرىيىتى، مولدوۋا جۇمھۇرىيىتى، رومىنىيە، سان مارىنو، سىلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۇرۇگۋاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 

باياناتتا، بۈگۈن قىرىم ئىگىلىۋېلىنغانلىقىنىڭ 10 يىلنى (2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى)، ۋە ئۇكرائىنانىڭ «سەۋەبسىز ھالدا كەڭ دائىرىلىك قانۇنسىز ئىشغالىيىتى»نىڭ ئىككى يىلنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ: «بىز خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپ بۇ قىلمىشنى قەتئىي ئەيىبلەيمىز» ديىلدى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ماقۇللانغان قارارلارنى ئىجرا قىلمىغانلىقىدىن  ئەپسۇسلىنىلغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا: «خەلقئارا سوتنىڭ رۇسىيەنى 2022-يىلى 24- مارتتا ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇغان 2022 –يىلى 16-مارتتىكى «ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش قارارى»نىڭ چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە ئىران، بېلارۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتىن قوللىشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئەيىبلەنگەن باياناتتا يەنە، موسكۋا ئۇكرائىناغا قارشى ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلار بىلەن تەمىنلەشنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ۋە رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىكلەرنى ئۇلغايتىش ئارقىلىق بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر