ئەلرايى نەتىجىلىرىدە ترامپ بىرىنچى ئورۇندا
ئامېرىكادا بۇ يىل (2024-يىلى نويابىر) ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Marquette» قانۇن فاكۇلتېتى 5-فېۋرالدىن 15-فېۋرال ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 5-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا قايسى نامزاتنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
ئەلرايى نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، سايلىغۇچىلارنىڭ %51 ى ترامپنى، %49 سايلىغۇچى بايدىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەلرايىدا قەيت قىلىنىشىچە، بەزى سايلىغۇچىلار نارازى بولغاندا ترامپنى قوللاش نىسبىتى %52 كە چىققان، بايدىننى قوللاش نىسبىتى %48 كە تۆۋەنلىگەن.
ئەلرايىغا قاتناشقانلار ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى سابىق دائىمىي ۋەكىلى نىككى خالېي نامزات بولغان ئەھۋالدا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ %58 ى ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا بايدىننىڭ ئاۋازى %42 كە تۆۋەنلەيدىكەن.
جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ %73 ى پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا ترامپنى، %15 ى خالېينى قوللايدىكەن. دېموكراتلارنىڭ %66 ى بايدىننى قوللايدىغان بولۇپ، %27 ى قارارسىز ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.