ئامېرىكا غەززەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە پۇقرالارغا قاراتقان زوراۋانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا يېڭى بايانات ئېلان قىلدى.

2105898
ئامېرىكا غەززەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتتېۋ مىللېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتىنىڭ ئەزاسى بېننىي گانتزنىڭ «كىشىنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلەر» بار دېگەن سۆزى خاتىرىلىتىلگەندە: «بىزنىڭچە بۇ يەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغان (پايدىلىق) ئورۇن بار دەپ ئويلايمىز، بىز بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىشىمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە توقۇنۇشنى توختىتىش ئارزۇسىنى ئەسكەرتىپ، غەززەدە «ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرى» نى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىز ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى كۆرۈشنى خالايمىز، كېلىشىمنىڭ بالدۇرراق ھاسىل قىلىنىشىنى كۆرۈشنى خالايمىز، بۇ ئەلۋەتتە رامىزاندىن ئىلگىرىكى (11-مارت) ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

مىللېرنىڭ مەزكۇر باياناتى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتىنىڭ ئەزاسى بېننىي گانتزنىڭ پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى بىلەن «يېڭى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى» ۋە بۇ مەسىلىدە «ئىلگىرىلەش ئالامەتلىرىنىڭ بارلىقى» ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىدىن كېيىن، ئېلان قىلىندى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززەددىن ئەل قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) ئىسرائىلىيەگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە 12 مىڭ 660 كىچىك بالا، 8 مىڭ 570 ئايال بولۇپ جەمئىي 29 مىڭ 313 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 69 مىڭ 333 كىشى يارىلاندى.

2023-يىلى 24-نويابىر تۆت كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىلغان ۋە بۇ ئۈچ كۈن ئۇزارتىلغان ئىدى. بۇ جەرياندا، 81 ئىسىرائىلىيەلىك ۋە 240 پەلەستىنلىك مەھبۇس ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر