گېرمانىيە تاراتقۇلىرى تۈركىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى <كائان>نىڭ سىناق ئۇچۇشىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى
تۈركىيەنىڭ يەرلىك كۈرەشچى ئايروپىلانى «كائان»نىڭ تۇنجى سىناق ئۇچۇشى گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.
2105986
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ «ۋېلت» گېزىتىنىڭ «بۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى، بۇ قەدەم تۈركىيەنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلان دۆلىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، «كائان»نىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقى قەيت قىلىندى.