كىرىستېرسون ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون 23-فېۋرال ۋېنگىرىيەگە بېرىپ، دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى —ناتوغا ئەزا بولۇشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ.

2105482
كىرىستېرسون ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، زىيارەتنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدە ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ھەمدە ۋېنگىرىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، كىرىستېرسون بىلەن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋېكتور ئورباننىڭ سۆھبەتلەردىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

ۋېنگىرىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان فىدېز پارتىيەسى (ۋېنگىرىيە پۇقرالار بىرلەشمىسى) تۈنۈگۈن پارلامېنتقا شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويۇش تەكلىپىنى سۇنغانىدى.

تۈركىيە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ نەزىرى ۋېنگىرىيەگە بۇرالدى.

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ئوربان 23-يانۋار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، «شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، باش مىنىستىر ئۇلف كىرىستېرسوننى ۋېنگىرىيەنى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن تەكلىپنامە ئەۋەتتىم» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر