گۋىنىيەدە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىپ، بانكا ھېسابلىرى توڭلىتىلدى

گۋىنىيەدە ھۆكۈمەت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ پاسپورتى مۇسادىرە قىلىندى ۋە بانكا ھېسابلىرى توڭلىتىلدى.

2105354
گۋىنىيەدە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىپ، بانكا ھېسابلىرى توڭلىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۋىنىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئوقۇلغان ئۇقتۇرۇشتا، 19-فېۋرالدا تارقىتىۋېتىلگەن ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ بانكا ھېسابلىرىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى، دىپلوماتىك پاسپورتلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى، قوغدىغۇچىلىرى، قاراۋۇللىرى ۋە ياردەمچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

بۇ تەدبىرلەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمىدى.

گۋىنىيەدىكى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى مامادى دومبويا 2021 - يىلى 5 - سېنتەبىردە پىرېزىدېنت ئالفا كوندېنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.

باش مىنىستىر بېرنارد گومو باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت 2022-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان ئىدى.

دۇمبويا دېموكراتىك سايلامنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر