ئىسرائىلىيە لىۋان چېگراسىغا يېقىن جايلاردا بەزى يوللارنى قاتناشقا تاقاپ قويدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋان چېگراسىغا يېقىن جايلاردا بەزى يوللارنى پۇقرالار ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتنىشىنى چەكلەش ئۈچۈن تاقىۋەتتى.

2104132
ئىسرائىلىيە لىۋان چېگراسىغا يېقىن جايلاردا بەزى يوللارنى قاتناشقا تاقاپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىسرائىلىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەرىدە، لىۋان چېگراسىغا يېقىن بىر قىسىم يوللارنى پۇقرالار ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتنىشىنى چەكلەش ئۈچۈن تاقاش كېرەكلىكىگە دائىر ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر قارارنى 8 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان لىۋان چېگراسىدا ھىزبۇللاھ بىلەن داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن چىقارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ھىزبۇللاھ ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، 195 ھىزبۇللاھ ئەزاسى، سەككىز ئەمەل ھەرىكىتى ئەزاسى، 31 لىۋان پۇقراسى، بىر ئەسكەر ۋە ئىككى لىۋان بىخەتەرلىك خادىمىدىن باشقا يەنە، ئالتە ئىسرائىلىيە پۇقراسى ۋە 11 ئەسكىرى قازا قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر