خىتاي ھەر ئىككى تەرەپكە قورال ساتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ ئىككى يىلدىن بۇيان بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەگە قورال-ياراغ ساتمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2104115
خىتاي ھەر ئىككى تەرەپكە قورال ساتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاڭ يىنىڭ 60-نۆۋەتلىك مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى (MSC 2024) غا قاتناشلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ۋاڭ يى يىغىن دائىرىسىدە، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىسترى دمىترو كۇلېبا بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى «نورمال شەكىلدە» تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ: «خىتاي توقۇنۇش رايونلىرىغا ياكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرگە قورال-ياراغ ساتمايدۇ» دېگەن.

خىتاي مىنىستىرى يىغىندا قىلغان سۆزىدە بولسا، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى پەيدا قىلغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇنىڭدا تەرەپ تۇتمىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما يۈز بېرىۋاتقانلارغا جىمجىت قاراپ تۇرمىغانلىقىنى ۋە كىرىزىستىن پايدا ئېلىشقا ئۇرۇنمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گەرچە خىتاي ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا بىتەرەپلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇرۇش سەۋەبىدىن موسكۋانى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ۋە بۇ جەرياندا رۇسىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەندىشەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئامېرىكا خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلىشى ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن رۇسىيەگە ھەربىي ۋە پۇقرالار ئورتاق ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئالدىنقى ھەپتە خىتايدىكى ئۈچ شىركەتكە رۇسىيەگە ھەربىي ۋە پۇقرالار ئورتاق ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن جازا يۈرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ۋېنگىرىيەنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى بىلەن رەت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر