بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى گىتلېرنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاتتى

بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا: «غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار تارىخنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە يۈز بېرىپ باقمىدى. يۈز بەردى دېيىشكە توغرا كەلسە، گىتلېر يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغاندا يۈز بەردى» دېدى.

2103999
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى گىتلېرنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا بىرلەشمىسى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئەبىبەگە يېتىپ بارغان بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

لۇلا دا سىلۋا: «غەززە رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئۇرۇش ئەمەس، ئۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئەسكەرلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشى ئەمەس. بۇ بىر تولۇق تەييارلىق قىلغان ئارمىيە بىلەن ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتۇر» دېدى.

لۇلا دا سىلۋا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ (ھولوكوست) چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار تارىخنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە يۈز بېرىپ باقمىدى، يۈز بەردى دېيىشكە توغرا كەلسە، گىتلېر يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغاندا يۈز بەردى» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ، كەم دېگەندە 12 مىڭ 660 كىچىك بالا ۋە 8 مىڭ 570 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 28 مىڭ 985 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 68 مىڭ 883 پەلتەستىنلىك يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر