نېتانياھۇ قاتارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ قاتارنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى كۆپەيتىش تەلىپىنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلدى.

2103284
نېتانياھۇ قاتارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ «12-قانال» تېلېۋىزىيەسى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) دىرېكتورى ۋىليام بېرنس (WilliamBurns) نىڭ باش مىنىستىر نېتاياھۇغا، قاتارنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى كۆپەيتىش تەلىپىنى يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، نېتانياھۇ غەززەدە ئەسىر تۇتۇلۇۋاتقان ئىسىرائىلىيەلىكلەر ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن دورىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلار كەلگىچە، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلغان.

ئىسىرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە 12 مىڭ 300 كىچىك بالا، 8 مىڭ 400 ئايال بولۇپ جەمئىي 28 مىڭ 663 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 68 مىڭ 395 كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر