باڭكوكنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىرلاشتى

تايلاند پايتەختى باڭكوكتا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ئىككى كۈن بويىچە ئۆيدە ئىشلەش ئۇقتۇرۇلدى.

2103248
باڭكوكنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭكوك شەھەر مەسئۇللىرى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ «سالامەتلىككە زىيانلىق» سەۋىيەگە چىققانلىقى سەۋەبىدىن، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىككى كۈن بويىچە ئۆيدە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇللار خۇسۇسىي شىركەتلەردە ئىشلەيدىغانلارنىمۇ ئۆيدە ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

تايلاند باش مىنىستىرى سرېتخا تاۋىسىن ئېكس (X) ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ تەخمىنەن %25 نىڭ ئاپتوموبىللاردىن چىققان گازنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىشى ۋە شەھەردە دېزىلنى يېقىلغۇ قىلىدىغان قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانىغا چەكلىمە قويۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر