ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 8 كىشى قازا قىلدى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ناباتىيە شەھىرىدىكى 3 قەۋەتلىك بىر بىناغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا ئوخشاش بىر ئائىلىدىن 8 كىشى قازا قىلدى.
2102704
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» نىڭ خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ناباتىيە شەھىرىگە قاراشلىق مەرجايۇن رايونىدىكى 3 قەۋەتلىك بىر بىناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىنا خارابىلىكى ئاستىدىن 8 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ سانى 42 گە يەتتى.
بۈگۈنگە قەدەر يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، ھىزبۇللاھنىڭ 196 ئەزاسى، ئەمەل ھەرىكىتىنىڭ 8 ئەزاسى، خاماس ھەرىكىتىنىڭ 12 ئەزاسى، ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ 12 ئەزاسى، 2 نەپەر لىۋان بىخەتەرلىك خادىمى، 6 ئىسرائىلىيە پۇقراسى ۋە 11 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى.