پاكىستاندىكى  سايلاملارنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرى كېلىشكە باشلىدى

پاكىستاندا دۆلەت پارلامېنتى ۋە ئۆلكىلىك پارلامېنتى ئەزالىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سايلاملارنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرى كېلىشكە باشلىدى.

2100444
پاكىستاندىكى  سايلاملارنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرى كېلىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا 8 - فېۋرالدا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سايلىغۇچىلار پاكىستان دۆلەت پارلامېنتى ۋە ئۆلكىلىك پارلامېنتى ئەزالىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان ئىدى.

دۆلەت پارلامېنتىدىكى 266 ئورۇندۇق ئۈچۈن 5121 نامزات، ۋە 4 ئۆلكىلىك پارلامېنتتىكى 593 ئورۇندۇق ئۈچۈن 12 مىڭ 695 نامزات رىقابەتلەشكەن ئىدى.

رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈرمىدىكى سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ پارتىيەسى بولغان «پاكىستان ئەدالەت ھەرىكىتى»  دۆلەت پارلامېنتىدا 98 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن.

سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف باشچىلىقىدىكى «پاكىستان مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى-ناۋاز» 71 ئورۇندۇققا، بىلاۋال بۇتتو زەردارى رەھبەرلىكىدىكى «پاكىستان خەلق پارتىيەسى» 53 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن.

ئەمما پارتىيەلەرنىڭ ئېرىشكەن ئورۇندۇق سانى، يالغۇز ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان 133 كە يەتمىگەن. بۇ ئەھۋالدا ھېچقانداق بىر پارتىيەنىڭ يالغۇز ھۆكۈمەت قۇرالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

بۇنۇڭغا قارىتا ناۋاز شەرىف بىلەن بۇتتو زەردارى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت پارلامېنتى ۋە پەنجاپ ئۆلكىلىك پارلامېنتىدا ئىتتىپاق قۇرغانلىقلىرىنى جاكارلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر