ھايتىدىكى نامايىشلاردا 6 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئونلىغان كىشى يارىلاندى

ھايتىدا باش مىنىستىر ئارىئېل ھېنرىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 6 كىشى قازا قىلدى ۋە ئونلىغان كىشى يارىلاندى.

2099530
ھايتىدىكى نامايىشلاردا 6 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئونلىغان كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايون مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر ھېنرىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان مىڭلىغان كىشى بىر قانچىلىغان شەھەرلەردە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.

تۇقۇنۇشلاردا 6 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئونلىغان كىشى يارىلانغان.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، بىخەتەرلىك قىسىملىرى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن، شايكىلارنىڭ ھەرىكەتكە ئوتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

مەملىكەت مىقياسىدا مىڭلىغان كىشى مەيدانلارغا چىقىپ، «بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلالمىغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسقا ھەل قىلىش چارىسى تاپالمىغانلىقى» سەۋەبى بىلەن باش مىنىستىر ھېنرىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھايتى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ 2 - فېۋرالدا تەييارلىغان دوكلاتىدا، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرقى 3 ئېيىدا ھايتىدا 2300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، يارىلانغانلىقى ياكى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە بۇ ساننىڭ ئالدىنقى 3 ئايغا سېلىشتۇرغاندا %10 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر