ئارگېنتىنا تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدۇ

ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى خەۋىيېر مىلېي ئىسىرائىلىيە پايتەختى تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2098752
ئارگېنتىنا تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى خەۋىيېر مىلېي  ئىسىرائىلىيە زىيارىتى داۋامىدا ئارگېنتىنانىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىرسائېل كاتز ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى خەۋىيېر مىلېينى تېل ئاۋىۋدىكى گۇرىيون ئايرودۇرۇمىدا كۈتۈۋالدى ۋە ئىسىرائىلىيەنى قوللىغانلىقى ھەمدە ئەلچىخانىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى قارار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نېتانياھۇنىڭ خەۋىيېر مىلېينىڭ  پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، ئۆزى بىلەن ئارگېنتىنا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ «ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاماسمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى خەۋىيېر مىلېينىڭ ئەلچىخانىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

باياناتتا، ئارگېنتىنانىڭ قارارىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ھۇجۇم قىلىش بولغىنىدىن باشقا، قۇددۇس شەھىرىنى پەلەستىننىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارالىق قانۇنغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى خەۋىيېر مىلېي ئىسىرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى قوللىغان ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر