ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىسرائىلىيەگە 17 مىليارد 600 مىليون دوللار ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى.

2098856
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <ئىسرائىلىيەگە 17 مىليارد 600 مىليون دوللار ياردەم بېرىش>نى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى، پەقەت ئىسرائىلىيەگىلا ياردەم بېرىپ، ئۇكرائىنا قاتارلىق ئىچكى-تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىنى سىرتتا قالدۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ رەت قىلىندى.

250 پالاتا ئەزاسى قوللاپ، 180 پالاتا ئەزاسى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى، قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان 2/3 كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشەلمىگەچكە رەت قىلىنغان بولدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنمۇ پەقەت ئىسرائىلىيەنىلا قوللاپ، ئۇكرائىنا ۋە چېگرا بىخەتەرلىك ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر