تۈركىيە ئەسكەرلىرى كوسوۋۇدا تىنچلىق ساقلىماقتا

ناتونىڭ كوسوۋۇدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمى تەركىبىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرى، كوسوۋۇ بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونىدا بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن چارلاش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2098912
تۈركىيە ئەسكەرلىرى كوسوۋۇدا تىنچلىق ساقلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كوسوۋۇ بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونىدا چارلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان فوتوگرافلار، ناتو قىسمىنىڭ ئېكس (X) بېتىدە ھەمبەھرلەندى.

كوسوۋۇنىڭ شىمالىدا 24-سېنتەبىر (2023) يۈز بەرگەن ۋە بىر كوسوۋۇ پۇقراسىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇمنى پەيدا قىلغان سېرب قوراللىق كۈچلىرى، كوسوۋۇغا تاغ يوللىرى ئارقىلىق كېلىپ كەتكەن ئىدى. ناتو قىسمى مەزكۇر ھۇجۇمدىن كېيىن، رايوندىكى چارلاش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە 1999-يىلى 12-ئىيۇن كوسوۋۇدا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغان ناتو قىسمىدا، ناتوغا ئەزا 21 دۆلەت ۋە ئەزا بولمىغان ئالتە ئىتتىپاقداش دۆلەتتىن 4 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئەسكەر بار.

تۈركىيە 10-ئۆكتەبىر (2023) ناتونىڭ قوماندانلىقىنى بىر يىللىق ئۈستىگە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر