پاكىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 25 ئادەم قازا قىلدى

ئەتە چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان پاكىستاندا، پارلامېنت ئەزالىرى كاندىداتلىرىغا قارشى ئىككى ئايرىم بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 38 ئادەم يارىلاندى.

2099052
پاكىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 25 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالۇجىستاننىڭ پىشىن رايونىدىكى مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى كاندىداتى ئاسفاندىيار خان كاكارنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى؛ ۋەقەدە 15 ئادەم قازا قىلدى، كەم دېگەندە 30 ئادەم يارىلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇم يۈز بەرگەندە، ئاسفاندىيار خان كاكارنىڭ ئىشخانىسىدا يوق ئىكەن.

بالۇجىستاننىڭ كىللا سەيفۇللاھ رايونىدا بولسا، ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى پارتىيەسى بىناسىدا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 8 ئادەم يارىلاندى.

ئالاقىدار خادىملار، ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى پارتىيەسى بالۇجىستان مەسئۇلى مەۋلانا ئابدۇل ۋاساينىڭ ھۇجۇمدىن يارىلانماستىن قۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر