ئىسپانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى ئەتە باشلايدۇ

ئىسپانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جوس مانۇئېل ئالبارېس ئوتتۇرا شەرققە تىنچلىق ئېلىپ كېلىنىشى ئۈچۈن ئەتە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىپلوماتىك ساياھەتكە چىقىدۇ.

2097456
ئىسپانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى ئەتە باشلايدۇ

تۈركىە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالبارېسنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى تۇنجى بېكىتىنىڭ قاتار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ، بولۇپمۇ يەمەندىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرگە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە  كېڭىيىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا 7 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش، دەرھال ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش بىلەن بىرگە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىدا بولغان شۇنداقلا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا خەلقئارا تىنچلىق كونفېرانسى چاقىرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر