تېل ئاۋىۋدا بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشى تەلەپ قىلىندى

ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

2097227
تېل ئاۋىۋدا بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشى تەلەپ قىلىندى
israil tel aviv gosteriler2.jpg
israil tel aviv gosteriler1.jpg
israil tel aviv gosteriler.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن مىڭ كىشى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېنىغا توپلىنىپ، ئىسرائىلىيە بايرىقى ۋە لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ رەسىمىنىڭ ئۈستىگە «جىنايەت مىنىستىرى»، «ئىسرائىلىيەنى ۋەيران قىلغۇچى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايش قىلدى.

نامايىشچىلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىدىكى يولنى توسۇپ قويغاندىن كېيىن، پىيادە ۋە ئاتلىق ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىپ ئاز دېگەندە 3 كىشىنى قولغا ئالدى.

مۇداخىلە جەريانىدا، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا مالىمانچىلىق ۋە ئاغزاكى تالاش تارتىش يۈز بەردى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلار توپىغا تەۋە بىر قىسىم چالغۇ ئەسۋابلار ۋە مېگافونلارنى مۇسادىرە قىلدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى چوڭقۇرلاشقان قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشىنى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ تېل ئاۋىۋدا ئۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېنىغا توپلانغان ئىسرائىلىيەلىك نامايشچىلار، «ئىنتىقام بىلەن غەلىبە بولمايدۇ»، «قانۇنسىز كۆچمەنلەر تېررورلۇقنى توختىتىڭلار!»، «بىخەتەرلىك پەقەت تىنچلىق ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ»، «ئىشغالىيەت بولغان يەردە دېموكراتىيە بولمايدۇ» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى.

نامايشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

غەربىي قۇددۇس، ھايفا ۋە بىرۇسسەبى قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن سىياسىي بىر كېلىشىم تۈزۈلىشى كېرەكلىكىنى ۋە نىتانىياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر