ئىسرائىلىيەلىكلەر غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى قوللايدىكەن

تەخمىنەن %90 ئىسرائىلىيەلىك ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە رايونىدا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى يوللۇق دەپ قارايدىكەن.

2094496
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى قوللايدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 11 مىڭ كىچىك بالا ۋە 7 مىڭ 500 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 26 مىڭ 422 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن بىر پەيتتە، تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى قوللاش نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى ئىكەن.

تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى 605 ئىسرائىلىيەلىك بىلەن 8-يانۋاردىن 15-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھۇجۇمىغا قارىتا راي سىناش ئېلىپ بارغان.

راي سىناشقا قاتناشقان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ %90 كە يېقىنى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى «تولۇق ياكى قىسمەن يوللۇق» سەۋەب بىلەن ئۆلتۈرگەن ياكى يارىدار قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەخمىنەن%53 ئىسرائىلىيەلىك قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدا قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ %58.5 ى غەززە رايونىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى، %27.1 ى بولسا، خەلقئارالىق بىر كۈچنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى، %5.8 ى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقنى قولىغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. %27 ئىسرائىلىيەلىك مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، %66 ئىسرائىلىيەلىك بۇ پىكىرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

راي سىناشقا قاتناشقان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا «مۇۋاپىق كۈچ» ئىشلەتكەنلىكىنى، %43.4  ى بولسا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ «بەك ئاز كۈچ» ئىشلەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر