نىگېرىيەدە چارۋىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 48 كىشى قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ پلاتو ئۆلكىسىدە چارۋىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋە 5 – كۈنىگە قەدەم قويغان توقۇنۇشلاردا، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 48 گە يەتتى.
2094592
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە مانگۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ماركۇس ئارتۇ رايوندا چارۋىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش سەۋەبىدىن 48 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ توقۇنۇش سەۋەبىدىن نەچچە يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
نىگېرىيە قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ مانگۇ رايونى مەسئۇلى نۇرۇدىن ھۈسەينى ماگاجى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن رايوندا قۇرۇلغان چېدىرلاردا تەخمىنەن 1500 كىشىنىڭ پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.