ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە «زور ھەجىملىك» قورال-ياراغ كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋنى كۆپ مىقداردا «F-35» ۋە «F-15» سۈنئىي ئەقىل ئايروپىلانى ۋە «ئاپاچ» تىپلىق ئۇرۇش تىك ئۇچارلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ھەجىملىك قورال-ياراغ كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2093748
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە «زور ھەجىملىك» قورال-ياراغ كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان «12-قانال» تېلېۋىزىيەسى، ۋاشىنگتون بىلەن تېل ئاۋىۋ ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىمنى تۈزۈش سۆھبىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ: «غەززەدە ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور ھەجىملىك قورال-ياراغ كېلىشىمى ئىمزالاندى. كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېڭى ئۈچ پاراخوت ۋە مىڭلارچە «ئوق-دورا بىلەن تەمىنلىنىلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىم ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى كۆپ مىقداردا «F-35» ۋە «F-15» سۈنئىي ئەقىل ئايروپىلانى ۋە «ئاپاچ» تىپلىق تىك ئۇچارلىرى بىلەن تەمىنلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئەمەلدارلار غەززەدە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا لىۋان ھىزبۇللاھى بىلەن توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ «پەۋقۇلئاددە چوڭ» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگاداسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىنلىشىپ كەتكەن توقۇنۇشلاردا، كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، 26 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر