فىنلاندىيە ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلىنا ۋالتونېن (Elina Valtonen) ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىنى تەنقىد قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەمدى ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2093683
فىنلاندىيە ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلىنا ۋالتونېن گېرمانىيە ئاخبارات ئورگىنى ر ن د (RND) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەر كۈنى غەززەدە نۇرغۇن پۇقرانىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە يەنىلا ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلالامدۇ؟ ياق، ئۆزىنى قوغداش دەۋرى ئاخىرلاشتى. ناھايىتى ئېنىق دەيمەنكى، ئەمدى يەتتى، غەززەدىكى پۇقرالار دەرھال <ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلغان ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش> قا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە موھتاج.»

ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغانلىقىنى، پاكىزە ئىچىملىك ​​سۇنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇلار ئىسرائىلىيە سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئېلىپ ماڭغان يۈك ماشىنىلىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشى، ھەممە كىشىلەرگە يېمەك-ئىچمەكلەر تارقىتىلىشى كېرەك. ئىسرائىلىيە چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ  غەززە رايونىغا تېخىمۇ كۆپ كىرىشىگە يول قويۇشى كېرەك.»

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2024) ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا قارىتا غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلىرىدا، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ 26 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر