موڭغۇلىيەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى ئېلان قىلىندى
موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇردا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز قاچىلانغان ماي توشۇغۇچى ئاپتوموبىلدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى ئېلان قىلىندى.
2093199
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتۇردا 60 توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەتراپتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
موڭغۇلىيە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋەقەدە قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.
موڭغۇلىيە دۆلەتلىك جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى ئەترەتلىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى رايوندىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.