ئىراندا بىر ئەسكەر 5 سەپدېشىنى ئۆلتۈردى

ئىراننىڭ كىرمان شەھىرىدە بىر ئەسكەر 5 سەپدېشىنى ئۆلتۈردى.

2091518
ئىراندا بىر ئەسكەر 5 سەپدېشىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئارمىيەسى شەرقىي جەنۇب رايونلۇق قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئەمىر گۇلامالىيان: «بىر ئەسكىرىمىزنىڭ ياتاقتا سەپداشلىرىنى ئوققا تۇتۇشى نەتىجىسىدە، 5 ئەسكىرىمىز جېنىدىن ئايرىلدى» دېگەن.

قوماندان ئەمىر گۇلامالىيان ۋەقە سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، قېچىپ كەتكەن ھۇجۇم قىلغۇچى ئەسكەرنى تۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان.


خەتكۈچ: #ئەسكەر , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر